UyghurMain Dictionary
كوروۋا يىغىنى
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترالىيەنىڭ ئىتتىپاق ھەرىكىتىدىكى مۇھىم يىغىن. 1893 - يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگىچە ۋېكتورىيە مۇستەملىكە رايونى بىلەن يېڭى جەنۇبىي ۋېلېس مۇستەملىكە رايونىدىكى ئىتتىپاقلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى يېڭى جەنۇبىي ۋېلېسنىڭ كوروۋا شەھىرىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاق تۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى پارلامېنتنىڭ بەس - مۇنازىرە قىلىشى بىلەن چەكلەپ قويماستىن، بەلكى گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپىنى قويغان. 1895 - يلى 1 - ئايدا خوبارتتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرى باش مىنىستىرلىكىنىڭ يىغىنىدا، بۇ تەكلىپ ئاساسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلنغان. ئارقىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان گراژدانلار ئاۋاز بېرىش ھەركىتى ئارقىلىق، 1901 - يىلى ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.