Uyghur←ChineseMain Dictionary
كورىيە تارىخى
دۇنيا تارىخى
高丽史
gāo lí shǐ
كىتاب نامى. چاۋشيەندىكى كورىيە سۇلالىسىنىڭ تارىخى يېزىلغان تارىخنامە. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا جېڭ لىنجى قاتارلىقلار يازغان. كىتاب 1451 - يىلى (ۋېنزۇڭنىڭ 1 - يىلى) پۈتكەن. رىۋايەت خاتىرىسى شەكلىدە يېزىلغان. 913 جىلد، بۇنىڭ ئىچىدە بەگلەر تەرجىمىھالى 46 جىلد، تەزكىرە 39 جىلد، يىلنامە ئىككى جىلد، تەرجىمىھال 50 جىلد، مۇندەرىجە ئىككى جىلد. <بەگلەر تەرجىمىھالى> دا پادىشاھلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرى يېزىلغان. تەيزۇدىن تارتىپ مۇزۇڭغىچە بولغان يەتتە ئەۋلاد پادىشاھنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى قىتانلارنىڭ بېسىپ كىرىش ۋە ئىچكى مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتكەن، شۇڭا ۋەقەلىكلەر قىسقىچە بايان قىلىنغان. شىنىئو، شىنچاڭ ئىككى شاھ ساختا فامىلە ئىشلىتىپ بەگلىك تەزكىرىسى قالدۇرمىغان. تەزكىرە ئاسترونومىيە، تارىخ، تۈرلۈك كەسىپ، جۇغراپىيە، مۇراسىم، ئويۇن - تاماشا، تەختراۋان - كىيىم، سايلام، مەنسەپ، يىمەكلىكلەر، ھەربىي ئىشلار، جازادىن ئىبارەت 12 تۈرگە بۆلۈنگەن. تەرجىمىھال كىچىك خانىش، خان جەمەتى، مەلىكە، ئادەتتىكى ئەمەلدارلار، ياخشى ئەمەلدارلار، ساداقەتمەنلەر، ۋاپادارلار، ئىپپەتلىك ئاياللار، دورىگەرلەر، ھەرەمئاغىلىرى، زالىم ئەمەلدارلار، پادىشاھنىڭ ئامراق ئادەملىرى، قارايۈز ۋەزىرلەر، ئاسىيلار دېگەنگە ئوخشاش تۈرلەرگە ئايرىلغان. ئاخىرىغا شىنىئو، شىنچاڭنىڭ تەرجىمىھالى قوشۇپ قويۇلغان. بۇ كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاۋشىيەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسىي تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.