UyghurMain Dictionary
كوردىئېر
دۇنيا تارىخى
(1849 - 1952) فرانسىيىلىك خەنزۇشۇناس. ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. كېيىن ئەنگلىيە - فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوقۇغان. 1869 - يىلدىن باشلاپ، ئۇزۇن ۋاقىت جۇڭگودا خىزمەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەنزۇشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلىق ئىلمىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <خانلىق ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كىتابلار كاتولوگى>، <توكيونىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە بايان> ناملىق كىتابلارنى نەشىر قىلغان. 1881 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، ھازىرقى زامان شەرق تىللىرى شۆيۈەنىدە پروفېسسور بولۇپ، يىراق شەرق تارىخى، جۇغراپىيە ۋە قانۇن پەنلىرى بويىچە دەرس ئۆتكەن. 1886 - يىلدىن باشلاپ، يەنە سىياسىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە يىراق شەرق مەسىلىلىرى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1890 - يىلدىن باشلاپ، شەرق ئىلمىي ژورنىلى - <ئاخبارات>نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <جۇڭگو بىلەن غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ 1860 - 1900 - يىللاردىكى مۇناسىۋەت تارىخى>، <1857 - 1858 - يىللاردىكى جۇڭگودا يىراققا سەپەر قىلىش خاتىرىلىرى>، <جۇڭگونىڭ 860 - يىلىدىكى يىراققا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى> ۋە <جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى> (تۆت توم) قاتارلىقلار بار. يەنە <غەربلىكلەرنىڭ جۇڭگو ھەققىدىكى كىتابلىرى كاتالوگى>، <غەربلىكلەرنىڭ ياپونىيىگە دائىر كىتابلىرى كاتالوگى> قاتارلىق كىتابلارنى تۈزگەن.