Uyghur←ChineseMain Dictionary
كورائىس
دۇنيا تارىخى
科腊伊斯
kē là yī sī
(1748 - 1833) گرېتسىيىلىك ئالىم، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى. سىممېرنادا سودىگەرئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1782 - يىلى فرانسىيىدە دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋېتىپ، فرانسىيە ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە فرانسيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بارلىق كۈچىنى گرېتسىيەنىڭ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە بېغىشلىغان. 1789 - 1801 - يىللىرى كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ، گرېتسىيىنىڭ يۇقىرى قاتلام روھانىيلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، گرېتسىيە خەلقىنى تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان. كېيىن ئىلىم - پەن، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلقنى تەربىيلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. گرېتسىيىنىڭ كلاسسىك مىراسلىرىغا ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئەدەبىي تىل بىلەن ئاددىي تىل ئارىلىقىدىكى گرېك تىلىنى رەتلەپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ئاسان بولغان بىر خىل تىلنى تۈزۈپ، يېڭى مىلىي دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە قولايلىق ياراتقان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يللىرىدا 1821 - 1829 - يىللىرىدىكى گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى پائال قوللىغان.