Uyghur←ChineseMain Dictionary
كونسۇللاروس
دۇنيا تارىخى
康苏拉多
kāng sū lā duō
ئىسپانىيىچە دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، سودا كەسىپداشلىرى ئۇيۇشمىسى ياكى سودا سوتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ سودىسى ۋە بازار ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مۇھىم ئورگىنى. 1543 - يىلى ئىسپانىيەنىڭ سۋېللې دېگەن جايىدا قۇرۇلۇپ، سودا مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. دەسلەپتە پەقەت بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان. كېيىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى لىما ۋە مېكسىكا شەھەرلىرىدە تەسىس قىلىنغان. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى باشقا سەككىز چوڭ شەھەردىمۇ قۇرۇلغان. ئۇ سوت سالاھىيىتى بىلەن توختام سۇنۇش، مال توشۇش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار سودا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان؛ ئىسپانىيىدە ۋەكىل تۇرغۇزۇپ، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەر سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان؛ سودا تىجارىتى ھوقۇقىنى كونترول قىلىپ، مەخسۇس سېتىش بېجى ۋە باشقا باجلاردىن كەلگەن فوندىنى ئىگىلىگەن ھەمدە سودىگەرلەر ئۈچۈن باج پۇلىنى يىغىپ تاپشۇرغان. 1790 - يىلى سودا مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، جايلارنىڭ سودا ئىشلىرىنى تېخىمۇ كونترول قىلغان ھەمدە ئىسپانىيەنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ سودا قانۇنىنى تۈزگەن.