Uyghur←ChineseMain Dictionary
كونستانتىنوپول
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
君士坦丁堡
jūn shì tǎn dīng bǎo
دىنى سۆزلۈكلەر
كونستانتىنوپول (ئىستامبۇل)
ئىسلام دىنى
君士坦丁堡
jūn shì tǎn dīng bǎo
دۇنيا تارىخى
君士坦丁堡
jūn shì tǎn dīng bǎo
ئەسلى نامى ۋىزانتىيە بولۇپ، قەدىمكى يۇناننىڭ كولۇنىيە شەھىرى. ئۇ بوسفور بوغۇزىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قارا دېڭىز ئېغىزىنى بوغۇپ تۇرىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ. مىلادى 330 - يىلى رىم ئىمپېراتورى كونىستانتىن Ⅰ پايتەختنى بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ نامىنى كونستانتىنوپولغا ئۆزگەرتكەن. مىلادى 395 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسى شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندە، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى) نىڭ پايتەختى قىلىنغان. ماركىس كونستانتىنوپولنى ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان <ئالتۇن كۆۋرۈك> دەپ ئاتىغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. 1453 - يىلى ئوسمان تۈركلىرى بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قىلىپ، ئۇنىڭ نامىنى ئىستانبولغا ئۆزگەرتكەن. ھازىر بۇ شەھەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق بولۇپ، شەھەر رايونىنىڭ دائىرىسى دېڭىز بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغىچە كېڭەيتىلگەن ھەمدە 1973 - يىلى 1560 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆۋرۈك ياسىلىپ دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى تۇتاشتۇرۇلغان.