UyghurMain Dictionary
كونستانتىن
دۇنيا تارىخى
(1868 - 1923)، گرېتسىيە كورۇلى (1913 - 1917؛ 1920 - 1922). ياشلىقىدا پرۇسسىيە گۋاردىيىسىدە خىزمەت ئۆتىگەن، گېرمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ۋىليام Ⅱ نىڭ سىڭلىسى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1897 - يىلدىكى گرېتسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى ۋە 1912 - 1913 - يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشىدا گرېتسىيە قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلغان. 1913 - يىلى گېرمانىيە مارشالى نامىغا ئىگە بولغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن گېرمانىيەپەرەس سىياسەت يۈرگۈزگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئانتانتا دۆلەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇرۇش قىلىشقا قارشى تۇرغان. ئەنگلىيەنىڭ بېسىمى ئاستىدا، 1917 - يىلى 6 - ئايدا تەختنى ئوغلى ئالېكساندرغا بېرىشكە مەجبور بولغان. ئالېكساندر 1920 - يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق يېڭىۋاشتىن تەختكە چىققان. 1922 - يىلى 6 - ئايدىكى گرېتسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقى ئاستىدا، يەنە تەختنى بوشىتىپ بەرگەن، ئىتالىيدە ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادى 274 - 337) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (306 - 337). يەنى <ئىمپېراتور كونىستاتتىن>. كونىستانتىئۇس بىلەن ھېلىننانىڭ چوڭ ئوغلى. يۇقىرى مېسيىدىكى ئائىسۇستا تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتدا ھەربىي سەپكە كىرىپ گاللېرىئونىڭ قول ئاستىدا ساسانىيلار پېرسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە ئەترىتى)گە بارغان. ئاتىسى بىلەن بىللە برىتانىيىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان. ئاتىسى ئۆلگەن (306) دىن كېيىن، ئارمىيە ئۇنى ھىمايە قىلىپ پادىشاھ قىلغان. ئۇ رەقىبلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ، مىلادى 312 - يىلى رىم شەھىرىنىڭ سىرتىدا كۈچلۈك رەقىبى ماكىسېنتنى يېڭىپ، ئىمپىرىيەنىڭ غەربىي قىسمىدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان. 2 - يىلى ئىمپىرىيەنىڭ شەرقىي قىسمنىڭ ھۆكۈمرانى لېسنىي بىلەن بىرلىكتە مىلاندا پەرمان ئېلان قىلىپ خىرىستىئان دىنىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان(<مىلان پەرمانى> غا قاراڭ). 314 - يىلى، كونىستانتىن لېسنىي (ئۇ كونىستانتىننىڭ سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان) بىلەن جەڭ قىلغان، لېسنىي پاننونىيە ۋە ئادرىئانوپول جېڭىدە مەغلوپ بولۇپ، شەرقىي قىسمىدىكى كەڭ زېمىن (ئىللىرىيە، ماكېدونىيە، ئاكايە) لىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن كونىستانتىن رېين دەرياسى بىلەن دوناي دەرياسى ئەتراپىدا ھەر يىلى ئۇرۇش قىلىپ گودلارنى مەغلۇپ قىلغان. كۆپلىگەن <ۋارۋارلار> نى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئەسكەر مەنبەسىنى تۇلۇقلىغان. 323 - يىلى كونىستانتىن بىلەن لېسنىي ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، كالىسېدون (بوسفور بوغىزىدا) قاتارلىق جايلاردىكى جەڭدە لېسنىي ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغان (كۆپ ئۆتمەي ئۆلتۈرۈلگەن). كونىستانتىن پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، 325 - يىلى نىسىيەدە (كىچىك ئاسىيا) 1 - قېتىملىق خىرىستىئان ئىپىسكوپلىرى يىغىن چاقىرىپ، ئەنئەنىۋى دىنىي ئەقىدىلەرنى بېكىتىپ، ئارىئوسچىلارنى <بىدئەت> دەپ ئەيىبلەپ، سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتتە خىرىستىئان دىنى ئومۇمىي يۈزلۈك كونترول قىلىپ، ئۇنى رىم ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قۇرالىغا ئايلاندۇرغان (<نىسىيە يىغىنى> غا قاراڭ). دىئوكلېتىئاندىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى مۇستەھكەملەپ، بيۇرۇكراتلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، مۈلكى ۋە ھەربىي ئىشلارنى بىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. يەر بېجى ۋە نوپۇس بېجى ئالغان، ھەر قايسى كەسىپلەرنى چەكلەپ شۇ كەسىپكە قاراشلىق تارماقلارغا بەنت قىلىپ قويغان، قول ھۆنەرۋەنلەر كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ (317)، شەھەر كېڭەش ئەزالىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ(316 ۋە 325)، بېقىندى دېھقانلار ئۆزى قاراشلىق بولغان قورۇقلاردىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ(332) دەپ بەلگىلەپ، باج كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلغان. ئىمپىرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىستىراتىگىيە جەھەتتىكى ئورنى كۈنسايىن مۇھىم بولغاچقا، 330 - يىلى مىڭ يىللىق قەدىمقى پايتەختنى ۋىزانتىيەگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ نامىنى كونىستانتىننوپول (<كونىستانتىننىڭ شەھىرى> دېگەن مەنىدە) غا ئۆزگەرتكەن، ۋاپات بولۇش ئالدىدا چوقۇنۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ خىرىستىئان بولغان.