Uyghur←ChineseMain Dictionary
كونىستانىس سۈلھ شەرتنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخى康斯坦茨和约
kāng sī tǎn cí hé yuē
مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) بىلەن لومباردىيە ئىتتپاقىنىڭ 1183 - يىل 6 - ئاينىڭ 25 -كۈنى كونىستانىس شەھىرىدە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. شەرتنامىدە ئىمپېراتور لومباردىيە ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ھەرقايسى شەھەرلەرگە ئەمەلدار تەيىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ، ھەرقايسى شەھەرلەر كونسۇللارنى ئۆزى سايلايدۇ، ئەمما ئۇلار ئىمپېراتورنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە بولۇشى لازىم؛ ئىمپېراتور ئىتالىيىگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، ھەرقايسى شەھەرلەر ياردەمچى قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەمما ئىمپېراتور ئۇلارنى ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇزۇۋالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن لومباردىيە ئىتتىپاقىدىكى شەھەرلەر ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا يېڭىۋاشتىن ئېرىشكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.