UyghurMain Dictionary
كونسېرت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپچىلىككە كۆرسىتىلىدىغان مۇزىكا ئەسەرلىرى، ناخشا، ئۇسسۇل ۋە باشقىلار
كونسېرت كېچىلىكى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى كېيىنكى يىللاردا يېڭى نومۇرلارنى ئېلىپ چىقتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛ئىتالىيانچە
مۇزىكا
مۇزىكا ئەسەرلىرى، ئۇسسۇل، ناخشا ۋە شۇ قاتارلىقلار نومۇرلىرىنىڭ مەلۇم پروگرامما ئاساسىدا ئىجرا قىلىنىشى، ئاممىغا كۆرسىتىلىشى، ناخشا - ئۇسسۇل.
كونسېرت كۆرمەك. كونسېرت كېچىلىكى.
بىر يەككە ئورۇنلىغۇچى (ئىسكىرىپكا، پىئانىنو قاتارلىقلارنى چالغۇچى) بىلەن دۇخوۋوي ئوركېستىرىنىڭ بىرلىشىپ ئورۇندىشى ئۈچۈن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا ئەسىرى. ئادەتتە ئۈچ مۇزىكا بابىدىن تەركىب تاپىدۇ.