UyghurMain Dictionary
كونا ڭۇيېن
دۇنيا تارىخى
ۋېيتنامدىكى يېڭى ڭۇيېنگە مۇناسىپ. ۋېيتنامدا ئۆتكەن فېئودال ڭۇيېن خۇئاڭ 1600 - يىلى قۇرغان تەپرىقچى ھاكىمىيەت. كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋارسىلىق قىلىپ كەلگەن. بۇ ھاكىمىيەت كۆرۈنۈشتە لى سۇلالىسىگە قاراشلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل دۆلەت بولۇۋالغان. جۇڭگو، ياپونىيىلەر <كۇ ئاڭ نام دۆلىتى>، ياۋرۇپالىقلار <كوچىنچىنى خانلىقى> دەپ ئاتىغان. شىمالدىكى تىرىن (جېڭ) جەمەتى قۇرغان تەپرىقىچى ھاكىمىيەت بىلەن تەڭ تۇرۇپ، 200 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان جەنۇب - شىمال تىركىشىش ھالىتىدىكى جېدەللىك دەۋرىنى شەكىللەندۈرگەن. 1771 - يىلى پارتلىغان تاي سون دېھقانلار قوزغىلىڭى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. لېكىن بۇ جەمەتنىڭ كېينكى ئەۋلادى ڭۇيېن ئانىسئام ۋە فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تاي سون قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، تاي سون سۇلالىسىنى يوقاتقان. تارىختا كۇئاڭ نام دۆلىتىنى قۇرغان ڭۇيېنلەر جەمەتى <كونا ڭۇيېنلەر>، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى <ڭۇيېن خانلار دەۋرى> دەپ ئاتالغان، تاي سون سۇلالىسىنى قۇرغان ڭۇيېنلەر جەمەتى <يېڭى ڭۇيېنلەر> ياكى <تاي سون ڭۇيېنلەر> دېيىلگەن.