UyghurMain Dictionary
كونا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق ئىشلىتىلىپ تۈسى ئۆزگەرگەن، بۇزۇلغان، ئۆڭگەن.
كونا چاپان يامغۇردا ياخشى. ئەسكى چاپانغا سۇسەر ياقا. ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىققان ۋاقتى ئۇزاق، كۆپ ئىشلىتىلگەن، ئۇپراپ كەتكەن. كونا كىتاب، ئەسكى چاپان
يېڭى
ئەمدىلا پەيدا بولغان، ھازىرلا چىققان، ئىشلىتىلمىگەن، ئەينى ھالىتىدە تۇرغان. يېڭى كىتاب، يېڭى چاپان
دوستنىڭ كونىسى ياخشى، چاپاننىڭ يېڭىسى. ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى. ئەسكى تامدا قۇشقاچا تولا. يېڭىنى ئاياپ كىي، كونىنى ياماپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
سۈپ. ئىشلىتىپ، كۆپ تۇتۇلۇپ كاردىن چىققان؛ سۈپىتى بۇزۇلغان، ئەسكى، ئەسكىرىگەن.
كونا چاپان. كونا ئىشتان.
سۈپ. بۇرۇنقى، ئىلگىرىكى.
چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى (ماقال).
مەن سىزنى ھېلىقى كونا جايدا ساقلىغىلى نەچچە كۈن بولدى.
سۈپ. ئۇزۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئۇزۇندىن بار بولغان، ئەنئەنىۋى.
كونا ئادەت. كونا ئۇسۇل.
سۈپ. ئىستېمالدىن قالغان، بىكار قىلىنغان.
كونا پۇل. كونا يېزىق.
سۈپ. پېشقەدەم.
كونا ئىشچى.
ئى. كۆپلۈك قوشۇمچىسى <لار> بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، <بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن، ياشىغان كىشىلەر، بىزدىن بۇرۇنقى ئەجدادلار> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئويلاپ باقسام كونىلارنىڭ <بالىسى غورا يېسە ئانىسىنىڭ چىشى قامايدۇ> دېگىنىمۇ راسىت ئىكەن.