UyghurMain Dictionary
كومزەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەخسۇس ئىشلەنگەن لايدىن خۇمداندا پىشۇرۇلغان قاچىلار.
<ئىدىش> ئومۇمىي نام. چوڭراقى <كۇپ> ئارىراقى <كوزا>، كىچىكرەكى <كومزەك> دېيىلىدۇ.
مايمان ئىدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. كۇپتىكى بېلىقنى تۇتماق ئاسان. كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ. تېگى كۆرۈنمىگەن كومزەكتىن سۇ ئىچمە.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، <ساپال قاچا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپلىگەن ساپال تاۋاقلارغا بىر - بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق ھالدائۆلچەملىك قىلىپ سۇ توشتۇرۇلۇپ، چوكا بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھاراق، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ قاتارلىقلار قاچىلىنىدىغان ئاغزى كىچىك، قورسىقى چوڭ ساپال قاچا.
دېھقان شۇنداق قارىسا، قوشنىڭ ئىزىدا يوغان بىر كومزەك تۇرغۇدەك.