Uyghur←ChineseMain Dictionary
كوممۇنىزملىق ئالاقىلىشىش كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
共产主义通讯委员会
gòng chǎn zhǔ yì tōng xùn wěi yuán huì
ماركىس، ئېنگلېس 1846 - يىلنىڭ بېشىدا بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە قۇرغان كوممۇنىزملىق تەشكىلات. كوممۇنىزملىق كىچىك گۇرۇپپىلار ئاساسىدا كېڭىيىپ بارلىققا كەلگەن. ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى گېرمانىيىلىك سوتسىيالىزمچىلار ۋە ئىنقىلابچىلار. ماركىس، ئېنگلېس ۋە فىلىپ گىگوت (1820 - 1860) دائىمىي ئىشلار كومىتېتىغا سايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارىژ، ھامبۇرگ، لېيپسىگ قاتارلىق جايلاردا ياچېيكىلىرى قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات يازما مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە قەرەللىك ئالاقىلىشپ، تۇرۇش ئارقىلىق، ئىلمىي كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىپ، بۇرژۇئازىيە ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنىڭ ھەرخىل سوتسىيالىتىك ئېقىملىرىنى تەنقىد قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەر سوتىسيالىزمچىلىرى ۋە ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ياۋرۇپا ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىغان. 1847 - يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ كومىتېت پائالىيىتىنى توختاتقان.