Uyghur←ChineseMain Dictionary
كولۇمبو پىلانى
دۇنيا تارىخى
科伦坡计划
kē lún pō jì huà
تولۇق ئاتىلىشى <جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات كولۇمبو پىلانى>. 1950 - يىل 1 - ئاينىڭ 9 - 14 - كۈنلىرى ئەنگلىيە سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا)نىڭ پايتەختى كولۇمبودا ئەنگلىيە ئىتتپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنى چاقىرىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىنى <تەرەققى قىلدۇرۇش> قا چاقىرغان. يىغىندا، بىر تەرەققىيات پىلانى تۈزۈش قارا قىلىنغان ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەردىن مەسلىھەت بېرىش ئەيئىتى تەشكىل قىلىنغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا، مەسلىھەت بېرىش ھەيئىتى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن كونكرېت تەرەققىيات پىلانى (يەنى <كولۇمبو پىلانى>) نى ئېلان قىلغان. كېيىنكى يىلى 7 - ئايدا بۇ پىلان ئىجر اقىلىنشقا باشلىغان ھەمدە كولۇمبۇ پىلانى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. ئۇنىڭدا، مەسلىھەت بېرىش ھەيئىتى، تېخنىكا ھەمكارلىق مۇدىرىيىتى ۋە دائىمىي ئىدارە قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. باش شتابى كولۇمبۇدا بولغان. ئەزا دۆلەتلەردىن: ئافغانسىتان، بېنگال، بوتان، پائۇئا يېڭى گۋېنىېيىسى، بىرما، فىجى، ھىندىستان، ھىندۇنېزىيە، مالايشىيا، مالدېۋى، نېپال، پاكىستان، فېلىپپېن، سىنگاپۇر، سەيلون ۋە تايلاند قاتارلىقلار <ياردەم ئالغۇچى دۆلەتلەر> بولغان؛ ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىقلار <ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر> بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، <ياردەم ئالغۇچى دۆلەتلەر> ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا ياردەم يولغا قويۇلغان. <ياردەم> پۈتۈنلەي ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كېلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بولغاچقا، كولومبو پىلانى ئەمەلىيەتتە دۆلەتلەر ئايرىمسى پىلانى، ئىككى تەرەپ ياردەملىشىدىغان ۋە كۆپ تەرەلىك ئاپپاراتتىن تەشكىل تاپقان ئارىلاشما گەۋدىدىنلا ئىبارەت. ئەسىلىدىكى مۇددىتى 1957 - يىلى 6 - ئاي قىلىپ بەلگىلەنگەن. كېيىن، مۇددىتى كۆپ قېتىم كەينىگە سۈرۈلگەن. 1974 - يىلى 12 - ئايدىكى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن 24 - قېتىملىق مەسلىھەت بېرىش ھەيئىتى يىغىنىدا، مۇددىتى يەنە 1981 - يىلىغا ئۇزارتىش قارار قىلىنغان.