UyghurMain Dictionary
كولومبو
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1451 - 1506) ئىتالىيىلىك دېڭىزچى. گېنويەدە تۇغۇلغان. تەخمىنەن 1476 - يىلى پورتۇگالىيەگە بېرىپ، لىسسابوندا ۋە مادېيرا ئارىلىدا بىرنەچچە يىل تۇرغان. دېڭىز ئارقىلىق ئەنگلىيىگە بارغان. يەرنىڭ دۈگىلەكلىكى تەلىماتىغا ئىشەنگەن، ياۋرۇپا قىتئەسىدىن ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىنى بويلاپ غەربكە قاراپ ماڭسا شەرققە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان ھەمدە دېڭىز ئارقىلىق مېڭىش پىلانىنى تۈزۈپ، پورتۇگالىيە كورۇلى جۇئاۋ Ⅱ گە سۇنغان، بىراق، ئۇ قوبۇل قىلمىغان. 1485 - يىلى ئىسپانىيىگە كۆچۈپ بارغان. كېيىن ئىسپانىيە كورۇلى فېردىناند ۋە كورۇلىۋا ئىسابېلنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، 1492 - يىل 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۈچ كېمە بىلەن 87 دېڭىزچى (90 دېگەن گەپمۇ بار) نى باشلاپ، پالوس پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئاتلانتىك ئوكياننى توغرا كىسىپ، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا باھاما تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ بارغان، كېيىن يەنە كۇبا، ھايتى قاتارلىق ئاراللارغا بارغان. 1493، 1498، 1502 - 1504 - يىللىرى يەنە ئۈچ قېتىم غەربكە سەپەر قىلىپ، كىچىك ئانتىلېس تاقىم ئاراللىرى، يامايكا ئارىلى، ترىنداد ئارىلى ۋە ئوتتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كارايىب دېڭىز قىرغىقىغا بارغان. بۇ يەرنى ھىندىستان دەپ خاتا پەملىگەن، شۇڭا ئۇ يەردىكى ئاھالىنى ئىندىئانلار (ھىندىستانلىقلار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تېپىلىشى ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىگە شۇ زامان كۆپلەپ ئالتۇن ۋە باشقا بايلىق بەرمىگەن، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كەمبەغەللىك، كېسەللىك ئىچىدە دەرد - ئەلەم بىەلن ئۆلگەن.