UyghurMain Dictionary
كولدۇر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كاللىسى ياخشى ئىشلىمەيدىغان، قىلىقلىرى ئەسكى.
«شەلىگا» قۇمۇل شېۋىسىدە، قوللىنىلىدۇ.
«كولدۇر» ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
كۆپ ياشىغان ئەخمەقتىن يېنىپ ئۆچكەن چاقماق ياخشى. ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى. ئەخمەققە توقماق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. ئەخمەق دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى. ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە، ئۆزى توختايدۇ. ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلكىسى كېلۇر.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كەم بولغان، ئويلىماي ئىش قىلىدىغان ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەق. قاپاق قاتارلىق ئىچى كاۋاك نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە ئۇششاق، قاتتىق نەرسىلەرنى سېلىپ سىلكىگەن ياكى ئۇرغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.
سۈپ. كۆچمە. پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كەم، كاللىسى ئانچە ئىشلىمەيدىغان، ئاسان ئالدىنىدىغان، ئەخمەق.
كولدۇر ئادەم.