Uyghur←ChineseMain Dictionary
كولبېرت
دۇنيا تارىخى
柯尔培尔
kē ěr péi ěr
(1619 - 1683) فرانسىيىلىك مالىيە باش نازارەتچىسى (1665 - 1683). يۇڭ توقۇلما ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى چاغدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشقارمىسدا ئىشلىگەن، 1649 - يىلى دۆلەت مەسلىھەتچىسى بولغان. لۇئى ⅣⅩ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، 1665 ـ يىلى مالىيە باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن، سودا ئەلاچىلىقى (كولبېرتىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، چېگرا بېجىنى قوغداپ، ئېكسپورتنى كۆپەيتىپ، ئىمپورتنى ئازايتىپ سودىدىكى ئاكتىپ پالانسنى ساقلاپ قالغان: سودىنى مونوپول قىلىدىغان ئىمتىيازلىق شىركەتلەرنى تەسىس قىلغان؛ دېڭىز ئارمىيە فلوتى ۋە چەت ئەل سودا ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، شىمالىي ئامېرىكىغا بولغان مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىكىنى كۈچەيتكەن. دۆلەت ئىچىدە يول، قاناللارنى ياساپ، پورتلار (تولۇن، چېربۇرگ) نى كېڭەيتىپ قۇرغان. قول سانائەت نىزامىنى تۈزۈپ، قەرز پۇل ھەم پاتېنت ھوقۇقى بېرىپ، قول سانائەت دۇكانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چازىلارنى بىكار قىلىپ، باش باج ئېلىش ئورنىنى تەسىس قىلىپ، فرانسىيە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لۇئى ⅣⅩ نىڭ تۈرلۈك قانۇن ۋە نىزاملارنى ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولغان، ئاكادېمىيە، ھەرخىل كەسپىي مەكتەپلەر ۋە پارىژ رەسەتخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى مالىيە قالايمىقانلىشىپ كېتىپ، ئېتىبارسىز قارىلىپ قالغان. ئۇنىڭ <خەت - چەك، كۆرسەتمە ۋە ئەسلىمە> سى بار.