UyghurMain Dictionary
كولا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دولقۇن، قاتتىق شامال، بوران:
بەھرغە ناز ئىلە چۇ كۆز سالىبان،
دېمە كولاك، بەھر قوزغالىبان.
نەۋايى.
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا چېلى، جۇلىيى، سولى، جۇليەن دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ھازىرقى ھىندىستان كورموماندېل دېڭىزىنىڭ بويىغا جايلاشقان. ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىكى پادىشاھ ئاسوكانىڭ ئويما يېزىق پەرمانلىرىدا ئۇچرايدۇ، بۇ چاغدا بۇددا دىنى تارقىلىپ كىرگەن. Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھ كارىكارا تەختتىكى مەزگىلىدە، پاندىيا بىلەن جېرۇ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، بۇنىڭ بىلەن كولاتامىل بەگلىكلىرى ئىچىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. يەنە سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا)غا يۈرۈش قىلغان، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، سەيلوننىڭ 12 مىڭ ئاھالىسىنى ئېلىپ كېلىپ، دېڭىز پورتى شەھەرلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ياساتقۇزۋەتكەن. Ⅲ (ياكى Ⅳ) ئەسىردە، پاللاۋانىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە پاندىيا ھەم جېرونىڭ تاجاۋۇز قىلىشى ئارقىسىدا دۆلەت ئاجىزلاپ كەتكەن. Ⅶ ئەسىردە جۇڭگولۇق شۇەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلپ بارغاندا كولا دۆلىتىنىڭ <زېمىنى چۆلدەرەپ، كۆل - سازلىقلىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكى>نى كۆرگەنىكەن. Ⅹ - Ⅸ ئەسىرلەردە قايتىدىن گۈللىنىپ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە سەيلوننى كونترول قىلغان، Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە راسا قۇدرەت تېپىپ، گانگ دەرياسى ۋادىلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە دېڭىزدىن ئۆتۈپ مالاي يېرىم ئارىلىغا يۈرۈش قىلغان، 12 - ئەسىردىن باشلاپ ئاجىزلاپ كەتكەن.