UyghurMain Dictionary
كوكلوپلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى يۇمىلاق كۆزلۈك گىگانت ئادەملەر ياكى يەكچەشمە گىگانت ئادەملەر. گومېرنىڭ <ئودىسسا> دېگەن داستانىدا ئۇلارنىڭ يىراقتىكى سىتسىلىيە ئارىلىدا ئولتۇراقلىشىپ مال باقىدىغانلىقى، يولۇچىلارنى يەيدىغانلىقى ئېيتىلغان. ترويا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئودىسوس ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە مۇشۇ دېڭىز ئارىلىغا يېتىپ بارغاندا يەكچەشمە گىگانت (ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۆزى پېشانىسىنىڭ تاق ئوتتۇرىسىدا ئىمىش) پولىپېمۇس (دېڭىز ئىلاھى پوسېيدوننىڭ ئوغلى) ئۇلارنى تاغ ئۆڭكۈرىگە سولاپ قويۇپ كۈندە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن ئىككىنى يەپ تۇرىدىكەن. ئودىسوس ئۇچلانغان بادىر بىلەن گىگانت ئادەمنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ، قېپقالغان ھەمراھلىرىنى قوشقارنىڭ قورسىقىغا تېڭىپ، غاردىن قېچىپ ئامان قالغانىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ھېسودېنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، كوكلوپلار ئاسمان تەڭرىسى ئۇرانئۇس بىلەن يەر ئانىسى گەييا تۇغقان ئۈچ ئوغۇل يەنى ئارگېس، سىتېروپېس ۋە پرونتېسنىڭ نامى ئىكەن.