Uyghur←ChineseMain Dictionary
كوك
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
谷河
gǔ hé
دۇنيا تارىخى
库克
kù kè
(1728 - 1779) ئەنگلىيىلىك دېڭىز ساياھەتچىسى ۋە ئېكىپېدىتسىيىچى. يۇرك ۋىلايىتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1755 - يىلى ئەنگلىيە خانلىق دېڭىز ئارمىيسىگە قاتناشقان. 1759 - يىلى <مېركورىي> ناملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان. 1768 - يىل دېڭىز ئارمىيە ستارشى لېيتېنانتلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ، ئۈچ قېتىملىق دېڭىز قاتناش تەكشۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلغان: بىرىنچى قېتىم (1768 - 1771). <تىرىشىش> ناملىق پاراخوتقا قوماندانلىق قىلىپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن يولغا چىقىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ھورن تۇمشۇقى ئارقىلىق تىنچ ئوكيانغا كىرىپ، يېڭى زېنلاندىيە قىرغاقلىرى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى تەپسىلىپ تەكشۈرۈپ چىققان. ئىككىنچى قېتىم (1772 - 1775) <مۇستەھكەم> ناملىق پاراخوتنى باشلاپ جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئوكياننى ئايلىنىپ چىقىش سەپىرىنى ئورۇنداپ، تۇنجى قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنى كېسىپ ئۆتكەن. ئۈچىنچى قېتىم (1776 - 1779) <مۇستەھكەم> ناملىق پاراخوتنى يەنە بىر قېتىم باشلاپ، شىمالىي مۇز ئوكيان سۇ يولى ئارقىلىق، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان غەربىي شىمال يولىنى تېپىش ئۈچۈن غەربتىن - شەرققە قاراپ مېڭىپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق تىنچ ئوكيانغا كىرىپ، بېرىنگ بوغۇزى ئەتراپىدا مۇزغا ئۇچراپ قېلىپ قايتىپ كەتكەن. سەپەر ئۈستىدە سۇندېرۋىچ تاقىم ئاراللىرى (ھازىرقى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى)غا كەلگەندە يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كوكنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ئاۋسترالىيىنىڭ ئانتراكىتكىغا سوزۇلۇپ كىرگەن چوڭ قۇرۇقلۇقنڭ بىر قىسمى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقى، نورفولك تاقىم ئاراللىرى بىلەن ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنى تاپقان. ئۇ ئۆزىنىڭ دېڭىز سەپىرى خاتىرىسىدە كۆپرەك مائۇرىلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىمۇ تەسۋىرلىگەن.