Uyghur←ChineseMain Dictionary
كوجى جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
行地社
háng dì shè
ياپونىيىدىكى يۇزون جەمئىيىتىنىڭ بىۋاستە قاراشلىق ئوڭ قانات تەشكىلات. 1925 - يىلى 2 - ئايدا قۇرۇلغان. ئوكاۋاشۇمې، مىزوكاۋا كامېتارو مەركىزىي شەخسلەردىن ئىبارەت. <ئايلىق ژورنال ياپونىيە> ئۇنىڭ ئورگان ژورنىلى. <يېڭىلىققا كۆچكەن ياپونىيە قۇرۇپ چىقىش>، <خەلق غايىسىنى تىكلەش>، <رەڭلىك ئىرقلارنى ئازاد قىلىش>، <ئەخلاق ۋە ئادالەت ئارقىلىق دۇنيانى بىرلىككە كەلتۈرۈش> قاتارلىق پروگراممىلارنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇنداقلا ئىجتىمائىي مائارىپ ئورۇنلىرى (كېيىن <ئۇنىۋېرسىتېت> دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نى تەسىس قىلىپ، ياشلارنى تەربيىلىگەن. ياش ئەزىمەتلەر گۇرۇھىدىكى ئوفىتسىرلار بىلەن ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، فاشىستىك ھەرىكەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن يولغا قويغان. 1932 - يىلى 2 - ئايدا تەڭرى لەشكەرلىرى ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، 4 - ئايدا ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن.