Uyghur←ChineseMain Dictionary
كوگېلنىكانۇ
دۇنيا تارىخى
科格尔尼恰努
kē gé ěr ní qià nǔ
(1817 - 1891) رومىنىيە كىنەزلىكىنىڭ باش ۋەزىرى (1863 - 1865)، تارىخشۇناس. ياسسېدا تۇغۇلغان. 8341 - 1838 - يىللىرى فرانسىيە ۋە گېرمانىيىدە بىلىم ئالغان. 1843 - 1844 - يىللىرى مولدوۋا مىخائىلىنىي شۆيۈەنىدە تارىخ دەرس ئۆتكەن. 1848 - يىلى ئىنقىلاب ھارپىسىدا سۈرگۈن قىلىنغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە <مولدوۋا مىللىي پارتىيىسىنىڭ تەلىپى>نى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئا دېموكراتلىرىنىڭ ئىسلاھات پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، مولدۋا بىلەن ۋالاخىيەنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن رومىنىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 50 - يىللاردىكى قىرىم ئۇرۇشىدىن كېيىن، دوناي دەرياسى كىنەزلىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1860 - 1861 - يىللىرى مولدوۋا ھۆكۈمتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە بىر قاتار بۇرژۇئاچە ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزگەن: موناستىرلارنىڭ يەرلىرىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۋالغان؛ يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېز ئىگىلىكىدە ئىسلاھاتنى يولغا قويغان؛ قايتۇرۋېلىش سوممىسى تاپشۇرۇش شەكلى بىلەن يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن، فېئوداللىق پومېشچىكلارنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، نائىلاج ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 70 - يىللاردا بىر مەھەل دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغان. 1877 - يىل 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۆۋەن پالاتادا رومىنىيىنىڭ مۇستەقىللىكى جاكارلانغاندىن كېيىن، رومىنىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. <ۋالاخىيە، مولدوۋا ۋە دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋالاخىيىلىكلەرنىڭ تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.