Uyghur←ChineseMain Dictionary
كوفكا
پسىخولوگىيە
考夫卡
kǎo fū kǎ
گىرمانىيلىك پىسخولوگ بولۇپ، گېشتالت پىسخولوگىيىسىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى. ئۇ ئامرىكىدا سىمىس شۆيۈەنىنىڭ پىسخولوگىيە پروفېسورى بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەرىكەتنى ( كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى ) پارچە - پۇرات ئامىللارغا ئايرىشقا بولمايدۇ، پەقەت بىر پۈتۈن ھالىتىدە تەتقىق قىلىش كېرەك. ئۇ گېشتالت پرىتسىپلىرىنى بالىلار پىسخولوگىيىسىگە تەتبىقلاپ، بالىلار دەسلەپ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى دېففېرىنسىيلەنمىگەن دۇنيادا بىر مۇنچە ئورگانىك پۈتۈنلۈكنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئۆگىنىشمۇ بىر قانچە پارچە - پۇرات كۆز قاراشلار ئاسسوتسىئاتسىيىدىن ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى بىر پۈتۈن تەشكىللىك قۇرۇلمىنى بىردىنلا چۈشىنىپ ئېلىنىشىدىن ئىبارەتلىكىنى دەلىلىدى. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى « بالىلار پىسخولوگىيىسىنىڭ يېڭى نەزەرىيىسى »، « گىشالت پىسخولوگىيىسىنىڭ پرنسىپلىرى » دىن ئىبارەت.