UyghurMain Dictionary
كۆز ئالايتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
غەزەپ ياكى نەپرەت بىلەن قارىماق.
بىز مانا شۇنداق يىراق يەردە تۇرساقمۇ، ۋاڭلارغا كۆز ئالايتىپ قارىيالمايمىز.
كۆچمە. يامان غەرەز بىلەن قارىماق. يامان نىيەتتە بولماق.
بىز ھەرقانچە كەمبەغەل بولساقمۇ، باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز ئالايتمايمىز.