UyghurMain Dictionary
كۆپۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تېز ئاققان سۇنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن، ئەتنىڭ قازاندا قاينىشىدىن ھاسىل بولغان ماغزاپ.
ئادەمزاتنىڭ ئۆمرى _ سۇنىڭ كۆپۈكى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«كۆپ Ⅱ» گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشمچە «ئۈك» قوشۇلغان).
ئاچچىق، غەزەپ.
قورساق كۆپۈكى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كشىنىڭ پىكرى _ خىيالىنى چاچقان روھىي ئازاب، قىيىن _ قىستاق.
كۆرمەيىن باستىم تىكەننى، تارتادۇرمەن دەردىنى، كۆرسەم ئەردىم، باسماس ئەردىم، تارتماس ئەردىم دەردىنى. ئىلىم يولىدا ئەلەم چەككەن ئادەم، ئەلەم ئەمەس، بەخىتكە قويىدۇ قەدەم. دەرد _ ئەلەملەر كېلىدۇ، ئوغۇل بالانىڭ باشىغا، سايدا تۈگمەن چۆرگىلەر كۆزدىن ئاققان ياشىغا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇيۇقلۇقتا مەلۇم تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان ئۇششاق پۇپۇكلەردىن ئىبارەت ماسسا.
شورپىنىڭ كۆپۈكىنى ئال. دېڭىزنىڭ بۇژغۇنى كۆپ. سوپۇننىڭ ماغزىپى چىقمىسا بىكار.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئاچچىق، دەرت.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
ماغزاپ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆپۈك ~ كۆۋۈك.
سۇ كۆۋۈكى.
1 - 507
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆپۈك ~ كۆۋۈك.
قازان قاينىغاندا سۇنىڭ يۈزىگە ئۆرلەپ چىقىدىغان كۆپۈك، شورپا كۆپۈكى.
1 - 507
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
گازلارنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۇيۇقلۇق ئىچىدە قورشىلىپ قېلىشىدىن ھاسىل بولغان شارسىمان ھالىتى.
سۇ كۆپۈكى. پىۋا كۆپۈكى.