Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپى
بىئولوگىيە
多足纲
duōzúgāng
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. ھەممىسى مەددە شەكلىدىكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار. تېنى باش ۋە گەۋدە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش قىسىمدا بىر جۈپ ئانتېننىسى، بىر قانچە ئاددىي كۆز بولىدۇ. باش قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىدە ئېغىز ئاپپاراتى بولۇپ، بىر جۈپ چوڭ تاڭلاي، ئىككى جۈپ ياكى بىر جۈپ (تىركە) كىچىك تاڭلاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەۋدە قىسمى ياپىلاق ھەم ئۇزۇن ياكى تۇرۇبا شەكىللىك بولۇپ، كۆپ ساندىكى ھالقا بوغۇملارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بوغۇم سانى تۈرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ھەم بىر ھالقا بوغۇمدا بىر جۈپتىن (قىرىقئاياغ) ياكى ئىككى جۈپتىن (تىركە مىڭئاياغ) ئۆمىلەپ مېڭىش رولىنى ئۆتەيدىغان پۇتلىرى بولىدۇ. ھەزىم قىلىش يولى ئاددىي بولۇپ، بىر تۈز نەيچىدىن ئىبارەت. چىقىرىۋېتىش ئورگىنى مالپىگى نەيچىسىدىن ئىبارەت. كاناي ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ، كاناي كۆپىنچە ھەر بوغۇمنىڭ يان تەرىپىگە ئېغىز ئاچقان. يەككە جىنسلىق (ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تەنىدە)، كۆپىيىش بەزلىرى جۈپ ياكى تاق، كۆپ تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمدىن چىققان لىچىنكىسىنىڭ بوغۇملىرى بىلەن پۇتلىرى يېتىلگەن قۇرتنىكىدىن ئاز بولۇپ تېرە تاشلاش، ھالەت ئۆزگەرتىش، ھالقا بوغۇملىرى بىلەن پۇتلىرىنى كۆپەيتىپ ئۆستۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. بۇ سىنىپنى ھەسسىلەنگەن پۇتلۇقلار (دىپلوپودالار)، كالپۇك پۇتلۇقلار (خىلوپودالار) قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
تېببىي,دېھقانچىلىق
多足纲
duō zú gāng