ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
1 . جىق، نۇرغۇن، تولا، مول، ئاۋۇن.
كۆپ بوغۇملۇق سۆز. * كۆپ مەنىلىك سۆز. * كۆپ خانىلىق سان. * كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك. * كۆپ ئەزالىق ئىپادە. * كۆپ ئۆگىلىك راكېتا. * كۆپ مەنبەچىلىك نەزەرىيىسى. * قار كۆپ بولسا، دانمۇ كۆپ بولار، سۇ كۆپ بولسا، ئورمان كۆك بولار (ماقال).
2 . ئىسىملاشقان سۈپەت. كۆپچىلىك، بىر توپ كىشى . كۈپ تۈكۈرسە كۆل بولار (ماقال). * كۆپنىڭ كۈچى كۆپ (ماقال). * كۆپ بىلەن ئۆلۈم بەجەيىكى توي (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كۆپمەك، كۆپۈش. بىخسىماق، ئاچچىقلانماق.
توپقا يەل بېرىۋىدى، دەرھال كۆپۈپ چىقتى. * كالا بېدە يېسە، قورسىقى كۆپۈپ قالىدۇ. * خېمىر كۆپتى. * نان كۆپۈپ چىقتى. * زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، قوپال كۆپۈپ (ماقال).
Domain: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى«كۆب» كە قاراڭ.
قاچان بولدۇڭ كۆزۈمگە جىلۋەگەرسەن،
نىسار ئەتتىم ئوشۇلدەم كۆپۇ ئازىم.
خىرقەتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
«كەرۇ» تۇرپان شېۋىسىدە كۆپ ۋ
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم دائىرىدىكى ھەممەيلەن.
«كۆپ»، «خەلقى ئالەم» شەرتلىك ھالدا «كۆپچىلىك» كە مەنىداش؛ قاراتما سۆز بولالمايدۇ، خىتاب قىلىنمايدۇ؛ بۇ قاتاردىكىلەر ھەممىسى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالمايدۇ.
كۆپچىلىك ئاتقان تاش يىراققا چۈشىدۇ. كۆپ تۈكۈرسە كۆل بولار. كۆپنىڭ كۈچى كۆپ. خالايىق كۆرسۇن ۋە بىر نېمە دېسۇن. جامائەتكە ھۆرمەت قىل. جامائەتنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلىگەن كىشى ئەك بەخىلىكتۇر. ئەكبەرنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سان، مىقدار جەھەتتە چوڭ.
ئاز، كەم
سان، مىقدار جەھەتتىن كىچىك.
ئاز بولسا، ساز بولار. ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا. ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقار. ئازنى دەپ كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ. كۆپ سۆز دېگەن كۈكۈن، ئاز سۆزلىگەن ئالتۇن. ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاب، ئاز يېگەن كۈندە يەر، جىق يېگەن نېمە يەر. ئازمۇ يېتەر، كۆپمۇ تۈگەر. جىقنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ. تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەسكە چۈشەر. تەڭرىنىڭ كۈنى تېرىقتىن تولا. نۇرغۇن يەرلەرنى كۆردۈم، ئۆز يۇرتقا يەتمەيدىكەن. ئاۋۇن بولسا تۈگەر، كەم بولسا يېتەر. سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى