UyghurMain Dictionary
كۆندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆندى، تۈزەلدى، ئىقرار بولدى، ماقۇل بولدى، ئۆگەندى.
يىغاچ كۆندى _ ياغاچ كۆندى، تۈزەلدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ئوغرى كۆندى _ ئوغرى ئىقرار بولدى. بىرەر نەرسىدىن تېنىۋالغان ئادەمنىڭ ئۇنى ئىقرار قىلىشىغىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئەر يولقا كۆندى _ ئادەم يولغا چۈشتى، يەنى توغرا يولنى تېپىۋالدى.
2 - 39
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆيدى.
ئاتۇڭ كۆندى _ ئوتۇن كۆيدى. يۇقىرىدىكى قائىدىدە ئېيتىلغىنىدەك، ئارغۇلار «ى _ يا» ھەرپىنى «ن _ n» ھەرپىگە ئالماشتۇرىدۇ.
ئارغۇچە.
2 - 39
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كوندى، ئۆگەندى.
توسۇن ئات كوندى _ توسۇن ئات كوندى. ھەرقانداق ئىش تۈزىلىپ (توغرا) يولغا چۈشسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ( كۆنەر _ كۆنمەك).
2 - 39