Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۆمۈرچەك
بىئولوگىيە
软骨
ruǎngǔ
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، قاتتىق سۆڭەككە نىسپىي ھالدا يۇمشاق سۆڭەك (كۆمۈرچەك) دەپ ئاتالغان. كۆمۈرچەك ھۈجەيرىسى، تالالار ۋە ئاساسىي ماددا (ستروما) دىن تەركىب تاپقان. ئاساسىي ماددىنىڭ مۇھىم ئورگانىك تەركىبى مۇكوئىتىن (مۇكو - پولى ساخارىد) ۋە ئاقسىل بولۇپ، ئەۋرىشىملىككە ئىگە، قېتىشما كوللوئىد ھالىتىدە بولىدۇ. تۆرەلمە ۋە بالىلىق ۋاقتىدا بەدەندىكى كۆمۈرچەكلەر كۆپرەك بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان كۆمۈرچەك قىسىملىرىنىڭ ئورنىغا ئەڭ ئاخىر سۆڭەكلەر ئالمىشىدۇ. يېتىلگەن ھايۋانلارنىڭ كۆمۈرچەكلىرى سۆڭەكلەرنىڭ تۇتىشىش بوغۇملىرىنىڭ يۈزىدە، قوۋۇرغا كۆمۈرچىكى غىرتىلداق، كاناي (تراخىيە) قۇلاق گىجىكى، بۇرۇن ئۇچى ۋە ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى قاتارلىق جايلاردا بولىدۇ. توقۇلما تەركىبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كۆمۈرچەكلەر يەنە سۈزۈك (كۆمۈرچەك بۇرۇن ئۇچى، نەپەسلىنىش يولى قاتارلىق جايلاردا) ۋە تالالىق كۆمۈرچەك (ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى، بوغۇم يۈزى قاتارلىق جايلاردا) دەپ بۆلۈنىدۇ. كۆمۈرچەكلىك بېلىقلارنىڭ ئىسكىلىتى بولسا، پۈتۈنلەي كۆمۈرچەكتىن تەركىب تاپىدۇ.
تەنتەربىيە,ئۇنىۋېرسال,ئاناتومىيە,تېببىي
软骨
ruǎn gǔDئۇنىۋېرسال
软骨骨炎
ruǎn gǔ gǔ yánDئۇنىۋېرسال
脆骨
cuì gǔ
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
ruǎn gǔ
软骨