UyghurMain Dictionary
كۆك يۈسۈنلەر تىپى
بىئولوگىيە
يۈسۈنلەرنىڭ بىر تىپى. يۈسۈن تېنى تاق ھۈجەيرە، ھۈجەيرە توپى ياكى يىپسىمان تەنىدىن تۈزۈلىدۇ. پۈتۈن ھايات تارىخىدا قىلئايىغى بولمايدۇ، بىراق كۆپ ساندىكى يىپسىمان تۈرلىرى ئۇزىراپ، قىسقىرىپ ياكى ئوڭ - سولغا تاشلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھۈجەيرىسىدە پروتوپلازما دىففېرېنسىيىلىنىپ ئەتراپ ماددا بىلەن مەركىزىي ماددىغا ئايرىلىدۇ، ئەتراپ ماددا ھۈجەيرە پوستىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە، مەركىزىي ماددىنىڭ تۆت ئەتراپىغا جايلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە فوتوسىنتېز پىگمېنتلىرى تارقالغان بولغاچقا پىگېمنتلىق ماددا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەركىزىي ماددا يەنە مەركىزىي تەنىچە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھۈجەيرىنىڭ مەركىزىدە ھۈجەيرە يادروسىغا توغرا كېلىدىغان ئورۇنغا جايلىشىدۇ، بىراق يادرو مېغىزى ۋە يادرو پەردىسى بولمايدۇ، خروموسوما بولىدۇ، شۇڭا ئۇ يەنە ئىپتىدائىي يادرو دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تىپتىكى يۈسۈنلەردە فوتوسىنتېز پىگمېنتلىرىدىن خلوروفىل a، كانتوفىل ۋە كاروتىندىن باشقا، يەنە فىكوتسىئان ۋە فىكوئېرتىرىن بولىدۇ. ئاسسىمىلياتسىيە مەھسۇلاتى ئاساسەن كۆك يۈسۈن كراخمالدىن ئىبارەت. سىتوپلازمىسى ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، ئىچكى قەۋەتتىكىسى ئاساسەن تالادىن تۈزۈلىدۇ، سىرتقى قەۋەتتىكى پىكتىنلىق ماددىدىن تۈزۈلگەن پىكتىنلىق غىلاپتىن تەركىب تاپىدۇ. ئاساسەن ھۈجەيرە بۆلۈنۈش ۋە يۈسۈن تېنىنىڭ يىرىلىشىغا تايىنىپ كۆپىيىدۇ. يىپسىمان تۈردىكىلىرى يۈسۈن پارچىلىرىنى ھاسىل قىلىپ كۆپىيىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى سپورا ھاسىل قىلىپ كۆپىيىدۇ. ئاساسەن تاتلىق سۇغا تارقىلىدۇ، بەزى تۈرلىرى نەم تۇپراق، تاش، دەرەخ غولى ياكى دېڭىز سۇلىرىدا ياشايدۇ، ئاز ساندىكى تۈرلىرى 85 سىلتسىيە گرادۇسلۇق ئارشاڭ ياكى مۇز ئۈستىدە ياشايدۇ، يەنە ئاز بىر قىسىم كۆك يۈسۈنلەر باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنى ئىچىدە ياكى زەمبۇرۇغلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشاپ لىشاينىكنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان تۈرلىرىدىن كاللەك نوستوك، قارا يۈسۈن، بۇرمىسىمان يۈسۈن ۋە براختىرخىيە ئوتى قاتارلىقلار بار. نۇرغۇنلىغان ھۈجەيرىسى غەيرىي شەكىلدىكى كۆك يۈسۈنلەردە ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، تۇپراقنىڭ كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق؛ بەزى تۈرلىرى بېلىقلارغا يەم قىلىنىدۇ؛ بىراق بەزى تۈرلىرى ياز پەسلىدە كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ سۇ گۈللىرىنى ھاسىل قىلىپ، سۇدا ئېرىگەن ئوكسىگېن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ياكى ئۆلگەندىن كېيىن توكسىن ئاجرىلىپ چىقىپ، بېلىقلارنى كېسەللەندۈرىدۇ ياكى ئۆلتۈرىدۇ.