Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۆچۈش
بىئولوگىيە
迁徙
qiānxǐ
<مىگراتسىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان قۇشلارنىڭ پەسىل ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يىراقلارغا كۆچۈپ ياشاش ئورنىنى يۆتكەش ھادىسىسى، ئېمىتكۈچىلەردىن مەسىلەن، شەپەرەڭ، كىت قاتارلىقلاردىمۇ بۇنداق ھادىسە مەۋجۇت. قۇشلارنىڭ كۆچۈش سەۋەبلىرى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر تېخى ئېنىق ھۆكۈم يوق. ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ھاياتلىق شارائىتىغا بولغان بىر خىل ئاكتىپ ماسلىشىشچانلىق تەبىئىتى دەپ قارىلىدۇ. قۇشلار ھەر يىلى كۆپىيىش رايونى بىلەن قىشلاش رايونى ئارىلىقىدا دەۋرى خاراكتېرلىك كۆچۈپ ماكانلىشىدۇ. مەزگىللىك، يۆنىلىشلىك ھالدا كۆپلەپ يىغىلىپ چوڭ كولونىيە ھاسىل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. قۇشلارنىڭ كۆچۈشى كۆپىنچە جەنۇب شىمال يۆنىلىشى ئارىلىقىدا يۈز بېرىدۇ، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ شەرق غەرب يۆنىلىشى ئارىلىقىدا بولىدۇ. كۆچۈش مېخانىزمى ۋە كۆچۈ ئۇچۇش يولى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار كۆچۈش تەبىئىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئېچىپ بېرىپ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى شۇنىڭدەك جانلىق تەن بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە قۇشلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشقا بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىئونىكىنى كەڭ تەتقىقات ساھەسى بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن، يۆنىلىشلىك يول باشلاش تەتقىقاتى. قۇشلارنى كۆچۈش ئادىتىنىڭ بولۇش - بولماسلىقىغا قاراپ كۆچمەس قۇشلار ۋە (پەسىل قۇشلىرى) كۆچىدىغان قۇشلار دەپ ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
流动
liú dòngDتەبىئىي جۇغراپىيە
变位
biàn wèiDفىزىكا
位移
wèi yíDئۆسۈملۈك
迁移
qiān yíDتەنتەربىيە
移动
yí dòngDتوكچىلىق، كومپيۇتېر
迁徙
qiān xǐDكومپيۇتېر
迁移
qiān yíDئۇنىۋېرسال
位移
wèi yíDتېببىي
转移(病变)
zhuǎn yí (bìng biàn )Dئورمانچىلىق
迁移
qiān yíDتوكچىلىق، كومپيۇتېر
迁徙
qiān xǐDئۇنىۋېرسال
变更位置
biàn gēng wèi zhìDقانۇنشۇناسلىق
迁居
qiān jū
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
希吉拉(迁徒)
xī jí lā (qiān tú )