Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۆچۈرۈلۈش
بىئولوگىيە
转录
zhuǎnlù
DNA نى ئۈلگە قىلىپ mRNA نىڭ سىنتېزلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ جۈپ تۈزۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن DNA نىڭ نۇكلېئوتىد تەرتىپى mRNA نىڭ نۇكلېئوتىد تەرتىپىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن DNA ئېلىپ يۈرىدىغان ئىرسىي ئىنفورماتسىيىسى mRNA گە كۆچۈرۈلىدۇ. جەريانى تۆۋەندىكىدەك ئاددىيىغىنا بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: (1) RNA پولىمېرازىسى ئۈلگە DNA بىلەن بىرىكىدۇ. RNA پولىمېرازىسى يادرو مەركىزىي ئېنزىمى ۋە δ فاكتورىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقىسى تۆت تال پولىپېپتىد زەنجىرىدىن، كېيىنكىسى بەش تال پولىپېپتىد زەنجىرىدىن تۈزۈلىدۇ. δ فاكتورى RNA پولىمېرازىسىنىڭ ئۈلگىدىكى قوزغاتقۇچى گېنىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ - دە، ئېنزىم تېزلىكتە قوزغاتقۇچى گېن بىلەن بىرىكىپ كۆچۈرۈلۈش باشلىنىدۇ. (2) كۆچۈرۈلۈش باشلانغان ۋاقىتتا δ فاكتورى كومپلېكس بىرىكمىدىن ئاجرىلىدۇ. يادرو مەركىزىي ئېنزىمى DNA زەنجىرىنى بويلاپ سۈرۈلۈپ، قوش زەنجىرلىك DNA نىڭ ئەھمىيەتلىك زەنجىرىنى ئۈلگە، تۆت خىل نۇكلېئوتىدنى ئاساسىي ماددا قىلىپ، ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ جۈپ تۈزۈش پرىنسىپىغا ئاساسلىنىدۇ، ئەمما A بىلەن T نىڭ ئورنىغا U جۈپ تۈزۈش بىلەن ئۈلگىنى ئۆز ئارا تولۇقلايدىغان mRNA سىنتېزلىنىدۇ. (3) پولىمېرازا ئۈلگىنى بويلاپ سۈرۈلۈپ <توختاش سىگنالى> رايونىغا كەلگەندە، كۆچۈرۈلىدۇ ياكى ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ، ياكى <توختاش سىگنالى بىلەن بىرىككەن توختىتىش فاكتورى> P نىڭ توسۇشى بىلەن توختايدۇ دە، سىنتېزلانغان mRNA قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
转录
zhuǎn lù