Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۆچۈپ ئۈزۈش
Domain: بىئولوگىيە洄游
huíyóu
<مىگراتسىيە> دېيىلىدۇ. بەزى سۇدا ياشايدىغان ھايۋانلار (مەسىلەن، جۈپ راك ۋە زور كۆپچىلىك بېلىقلار) نىڭ ھايات پائالىيىتى جەريانىدا بىر خىل دەۋرى خاراكتېرلىك، يۆنىلىشلىك ۋە كولونىيىلىك كۆچۈش ھەرىكىتى بولىدۇ. بۇ بىر خىل ماسلىشىش ھادىسىسى بولۇپ، جانلىقلارنىڭ مەلۇم بىر ھايات دەۋرىدىكى مۇھىت شارائىتىدا بولغان ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈپ ئىندىۋىدنىڭ ھاياتى ۋە تۈرنىڭ روناق تېپىشىنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. كۆچۈپ ئۈزۈشنى تۇخۇم سېلىش ئۈچۈن كۆچۈش (مەسىلەن، ئۇستېر بېلىقى ۋە كىتا بېلىقى قاتارلىقلار)، يەم ئىزدەپ كۆچۈش، قىشلاش ئۈچۈن كۆچۈش ھەمدە تىك يۆتكىلىش قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. سۇ مەھسۇلاتى ھايۋانلىرىنىڭ كۆچۈشىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلىۋېلىش بېلىقچىلىق مەھسۇلاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.