UyghurMain Dictionary
كۆچمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكەلمەك، كەتمەك.
ئۆي كۆچمەك.
كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق (ماقال).
ئاتلىماق، ئۆرلىمەك.
سىنىپتىن سىنىپقا كۆچمەك.
ئېقىپ يۈرمەك، تارقالماق، داۋاملاشماق.
شۇنداق قىلىپ مەلىكە گۈلچېھرىنىڭ تەرىپى ئېغىزدىن ئېغىزغا، ئاتىدىن - بالىغا كۆچۈپ بىزگىچە يېتىپ كېلىپتۇ.
گەپ ياكى مەسىلىنىڭ نۇقتىسىنى باشقا ياققا يۆتكىمەك، بۇرىماق.
بولدى، ئەمدى بىز داۋالاش ئۇسۇلىغا دائىر ئەمەلىي مەسىلىگە كۆچەيلى.