UyghurMain Dictionary
كوببېت
دۇنيا تارىخى
(1762 - 1835) ئەنگلىيەلىك مۇخبىر. دەسلەپكى يىللىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي مەجبورىيەت ئۆتىگەن. كېيىن ئارمىيە ئىچىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىدا سەرگەردان بولۇشقا مەجبور بولغان ھەمدە فىلادېلفىيە شەھىرىدە مۇخبىرلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1800 - يىلى ئەنگلىيگە قايتىپ كەلگەن. 1802 - يىلى <كوببېت سىياسىي خاتىرىلەر ھەپتىلىك گېزىتى>نى نەشىر قىلىپ، كاتتا زەردارلار ۋە يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئولىگارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قاتتىق سۆكۈپ، دېموكراتىك ئىسلاھاتنى تەرغىپ قىلىپ، پارلامېنت سايلىمىنى ئىسلاھ قىلىشنى، يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت شەھەرلىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا بۇرژۇئازىيە رادىكاللىرىنىڭ ئاساسلىق سىياسىي داھىيىسىغا ئايلانغان. 1810 - يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئارمىيە ئىچىدە قامچىلاش جازاسىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكتىن، جازاغا تارتىلغان. 1817 - 1819 - يىللىرى يەنە ئامېرىكىغا بارغان. 1819 - يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، داۋاملىق سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1832 - يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. <پروتېستانت دىنىنىڭ ئىسلاھات تارىخى>، <ياشلارغا مەسلىھەت>، <سەھرا خاتىرىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار