Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىنۇت
دۇنيا تارىخى
克努特
kè nǔ tè
(تەخمىنەن 995 - 1035) بۈيۈك كورۇل كىنۇت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى دانىيە، ئەنگلىيە، نورۋىگىيىنىڭ كورۇلى. دانىيە كورۇلى سىۋان Ⅰ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1015 - يىلى قوشۇن باشلاپ ئەنگلىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن. 1016 - يىلى تېمزا دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ جايلارنى بېسىۋالغان. ئەنگلىيە كورۇلى ئېدموند Ⅱ (تەخمىنەن 989 - 1016) ۋېسېكېسىغا چېكىنىپ پاناھلانغان. 11 - ئايدا قەتل قىلىنغان. شۇ يىلى ئەنگلىيەنى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۋېلىپ، ئۆزى ئەنگلىيىگە كورۇل بولغان. 1018 - يىلى ئاكىسى - دانىيىنىڭ كورۇلى ھارولد ئۆلۈپ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن، 1019 - يىلى دانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىققان. 1028 - يىلى نورۋىگىيە ئىستېلا قىلىنغاندىن كېيىن قوشۇمچە نورۋىگىيىنىڭمۇ كورۇلى بولغان. ئۇ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئەنگلىيىنى شەرقىي ئەنگلىيە، مېركىيە، نورتومبىرىيە ۋە ۋېسېكىستىن ئىبارەت تۆت گرافلىققا بۆلگەن؛ ئاقسۆڭەكلەرگە خوجىلىق يەر ۋە مەرتىۋە - ئۇنۋان ئىنئام قىلىپ بەرگەن. چېركاۋ مەنپەئىتىنى قوغدىغان. ئۆلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە، دانىيە، نورۋېگىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت شۇئان بۆلۈنۈپ كەتكەن.