Uyghur←ChineseMain Dictionary
كېنتال
دۇنيا تارىخى
肯塔尔
kěn tǎ ěr
(1842 - 1891) پورتۇگالىيىلىك شائىر ۋە ئەدەبىي تەنقىدچى. 1858 - 1864 - يىللىرى كوئىمبرا ئۇنىۋېرسىتىتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن لىسابون ۋە پارىژدا نابورچىك بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشقان. 1869 - يىلى پاراخوت بىلەن ئامېرىكا ۋە كاناداغا بارغان. جۇمھۇرىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئولىۋېيرا ماتنىس بىلەن ھەمكارلىشىپ <جۇمھۇرىيەت> ژورنىلىنى تەسىس قىلغان. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال پورتۇگالىيە ياچېيكىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقان ھەمدە <ئىجتىمائىي پىكىر> ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ، پرۇدونچىلىقنى تەشۋىق قىلغنا. <ئەدەبىيات غورۇرى ۋە ھۆكۈمەت ئەدەبىياتى> ناملىق كىتابچىسىدا مېنىڭ ۋەزىپەم <ئىنقىلابنىڭ ئاۋازى> بولىدىغان يېڭى شېئىرلارنى ئىجاد قىلىش دېگەن. <ھازىرقى زامانغا مەدھىيە> ۋە <14 مىسرالىق شېئىرلار توپلىمى> ناملىق ئەسەرلىرىدە خەلقنى ئىنقىلابىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرى ئۈمىدسىزلىك ۋە مىستىتىسزم تۈسىنى ئالغان. 1891 - يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.