Uyghur←ChineseMain Dictionary
كېنگۇرۇ
Domain: بىئولوگىيە袋鼠
dàishǔ
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ خالتىلىقلار ئەترىتى، كېنگۇرۇلار ئائىلىسى (Macropodidae) نىڭ ئومۇمىي نامى. جەمئىي 71 ئۇرۇقداش، تەخمىنەن 52 تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بەدىنىنىڭ چوڭلۇقى ھەرخىل، كىچىك كېنگۇرۇلارنىڭ چوڭلۇقى ئۆي چاشقانلىرىچىلىك بولسا، ئەڭ چوڭ كېنگۇرۇلارنىڭ ئولتۇرغان چاغدىكى ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، ئېغىرلىقى 67 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. 6 - 10 مېتىر ئارىلىققا سەكرىيەلەيدۇ. تۆۋەنكى جېغىنىڭ ھەر يېنىدا پەقەت بىر تالدىنلا كۈرەك چىشى بولىدۇ. بارماقلىرىدا بىرىكىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. چىشىسىنىڭ قورساق قىسمىد بالا بېقىش خالتىسى بولىدۇ، بوغاز دەۋرى قىسقا، تۆرەلمىسى تولۇق يېتىلىپ بولمايلا تۇغۇلۇپ، بالا خالتىسىدا سۈت ئېمىپ يېتىلىدۇ. ئۆسۈملۈك بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. پەقەت ئاۋسترالىيە ھەم شۇ ئەتراپتىكى ئاراللارنىڭ ئوتلاق رايونلىرىدا ياشايدۇ. يەنە بەزى دەرەختە ياشايدىغان تۈرلىرىمۇ بار، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن چوڭ كېنگۇرۇ، چاشقان كېنگۇرۇ ۋە كولا (دەرەخ كېنگۇرۇسى) قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ كېنگۇرۇنىڭ تېرىسى يۇمشاق ھەم پۇختا بولۇپ، پەلەي قاتارلىقلارنى تىكىشكە بولىدىغان بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
Domain: ئۇنىۋېرسال大袋鼠
dà dài shǔ
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر
ھايۋاناتلار
(1) سول قولنىڭ بارماقلىرىنى جۈپلەپ ئېگىدۇ ۋە ئالىقىنى ئىچىگە قارىتىپ، قورساق ئالدىدا تۇتىدۇ ھەمدە ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئالىقىنى ئىچىگە كىرگۈزىدۇ. (2) سول قولنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتمەي، ئوڭ قولنڭ باشمالتىقى، ئوتتۇرا بارمىقى ۋە نامسىز بارماقلىرىنى يۇمۇپ، بىگىز بارمىقى ۋە چىمچىلاقلىرىنى تىك چىقىرىدۇ ھەمدە سول قولنىڭ ئالىقىنىدىن ئۈستىگە چىقىرىدۇ.
袋鼠
dài shǔ
GetWord Corpus
9大袋鼠
dà dài shǔ
袋鼠
dài shǔ
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.