Uyghur←ChineseMain Dictionary
كېنىف ئۆڭكۈرى
Domain: دۇنيا تارىخى肯尼夫洞穴
kěn ní fū dòng xué
ئاۋسترالىيەنىڭ كۋېنسىلېن شتاتىدىكى بىر ئۆڭكۈر. 1960 - يىلدىن باشلاپ تەكشۈرۈلگەن. ئۆڭكۈردىكى توپا دۆۋىسى نىسبەتەن قېلىن بۇلۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بارلىق تاش قوراللارنىڭ تىپىنى بۇ يەردىن قېزىۋېلىشقا بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. رادىئوئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرگە بۆلۈپ ئۆلچەشكە ئاساسەن، ئۆڭكۈرنىڭ ئاستىنقى قاتلىمى دەۋرنىڭ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت ئارلىقى 16 مىڭ يىل قىلىپ بېكىتىلگەن، كېسىش - قىرىش قوراللىرى قېزىۋېلىنغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى يەر قاتلىمىدىن باشلاپ قارىغاندا تاش قوراللارنىڭ شەكلى ۋە ئۇنى ياساش تېخنىكىسىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆراۋالغىلى بولىدۇ، ياغاچ ساپ بېكىتىپ ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان كىچىك تىپتىكى تاش قوراللار بارلىققا كەلگەن، تاش يوپۇرماق، گېئومېتىرىيىلىك شەكىلدىكى سىپتا تاش قورال، <پىرىل> شەكىلدىكى ئۆتكۈر بىسلىق تاش قورال قاتارلىقلار ئاساسلىق ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. خارابىنىڭ ئىچىدىن تېپىلغان قىزىل تۆمۈر رۇدا پارچىسى ئېھتىمال بەدەن، قازان - قۇمۇچ ياكى ئۆڭكۈر تاملىرىدىكى رەسىملەرگە سۈرتۈلگەن بوياق بولۇشى مۇمكىن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.