Uyghur←ChineseMain Dictionary
كېنەز ستېۋان
Domain: دۇنيا تارىخى斯特凡大公
sī tè fán dà gōng
(تەخمىنەن 1433 - 1504)، يەنى ستېۋان Ⅲ. مولدوۋا كىنەزى (1457 - 1504). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، مولدۋا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەرگەن. 1474 - يىلى تۈركىيە سۇلتانى مۇھەممەد Ⅱ سۇلايمان پاشانى 120 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىنى باشلاپ مولدۋاغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. كېلەركى يىلى 1 - ئايدا، ستېۋان ۋاسلۇئى (ھازىرقى رومىنىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان) دىكى بىر ئېگىز كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا تۈركىيە قوشۇمىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، تارىختا بۇ جەڭ <ئېگىز كۆۋرۈك جېڭى> دەپ ئاتالغان. 1476 - يىلى يازدا مۇھەممەد Ⅱ ئون نەچچە تۈمەن كىشىلىك چوڭ قوشۇنغا شەخسەن ئۆزى باشچىلىق قىلىپ، مولدوۋاغا يەنە ھۇجۇم قىلغان. شۇ يىلى 7 - ئايدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە، ستېۋان تۈركىيە قوشۇنىنى يەنە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان، ئەمما كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پەرق زور بولغانلىقتىن، ئاخىرى 1487 - يىلى تۈركىيىگە ئىتائەت قىلىشقا مەجبور بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.