UyghurMain Dictionary
كېنەز
دۇنيا تارىخى
(1) قەدىمكى رۇسلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانىنىڭ نامى. قەدىمكى پراۋوسىلاۋىيانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى پارچىلانغان چاغدا، كۈچلۈك قەبىلە باشلىقى ئۆز ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنى گېرتسوگ (شاھزادە - بەگلەر) دەپ ئاتاپ، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تۈزگەن. بۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىرى مىلادى Ⅷ ئەسىردىن مىلادى Ⅸ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تەرەققىي قىلىپ دۆلەتكە ئايلىنىپ، كېنەزلىك دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، نوۋگورود كىنەزى ئولېگ كىيېۋنى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كىنەزلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، كېنەز دەپ ئاتاپ، كىيېۋ - رۇس كىنەزلىكىنى قۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كىيېۋ - رۇس كىنەزلىكىنىڭ باشلىقى كېنەز دېگەن نامنى داۋاملىق قوللانغان، ئەمما ئۆز قارىمىقىدىكى كىنەزلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى يەنىلا گېرتسوگ دەپ ئاتالغان. 16 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، رۇسلار پەيدىنپەي قۇدرەت تېپىپ، كىنەزلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مەسىلەن، موسكۋا گېرتسوگى، تېۋىل گېرتسوگى قاتارلىقلار ئۆزلىرىنى يەنىلا كىنەز دەپ ئاتاپ ئۆزىنىڭ بېقىندىلىرىنى گېرتسوگ دەپ ئاتىغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھوقۇق موسكۋا چوڭ كىنەزىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. 1547 - يىلى موسكۋا كىنەزى ئىۋان Ⅵ ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ رەسمىي ئاتىغان. لېكىن كىنەز دېگەن نامنى يەنىلا ساقلاپ قلغان. 1721 - يىلى پېتىر Ⅰ ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، كېنەز كورۇلىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان بولۇپ قالغان. (2) 13 - ئەسىردىن كېيىن ئىسپانىيەنىڭ ئالىي دەھرىي ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چېركاۋ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۇنۋانى. 1931 - يىلى پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، كىنەز دېگەن ئۇنۋان بىكار قىلىنغان. (3) ئاۋسترىيىنىڭ ھابسبۇرگ پادىشاھ جەمەتىدىكى بىر خىل ئۇنۋان ئىدى. 1453 - يىلىدىن كېيىن، پادىشاھنىڭ بالىسى ياكى پادىشاھنىڭ جىيەنىگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان بولۇپ قالغان. (4) غەربىي ياۋرۇپادىكى بەگلىكلەردە پادىشاھ بىلەن گېرتسوگ ئوتتۇرىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنۋانى. بۇ ئۇنۋانلار 1567 - يىلى پاپا تەرىپىنى تەسىس قىلىنغان.