UyghurMain Dictionary
كىندىك
بىئولوگىيە
ئادەم ۋە ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمىسى (بالىسى ياكى ھامىلىسى) تۇغۇلغاندىن كېيىن، قورساق قىسمىنىڭ دەل ئوتتۇرا سىزىقىدا قالىدىغان يۇمىلاق بىر ئويمان تارتۇق كىندىك دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۆرەلمە تەننىڭ كىندىك قىسمىدىكى قان تومۇرنىڭ ئۆتۈشۈش يولىنىڭ قالدۇق ئىزىدىن ئىبارەت. چۆرىسىدە تۇتسا مەلۇم بولىدىغان قاتتىق ھالقىسى بولۇپ، كىندىك ھالقىسى دېيىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ كىندىك قىسمى ئەگەر ئوبدان ساقايمىسا ياكى يېتىلگەن ئادەمنىڭ كىندىك ھالقىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زەئىپلىشىپ كەتسە <كىندىك گرىژىسى (چۇقۇقى)> پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قىسقۇچپاقىنىڭ قورساق قىسمىدىمۇ كىندىك دەپ ئاتىلىپ، ئەركەكلىرىنىڭ كىندىكى ئۇچلۇق، چىشلىرىنىڭ كىندىكى يۇمىلاق بولىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ ئەركەك، چىشىسى پەرقلەندۈرىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
تۆرەلمە بىلەن بالا ھەمراھىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى نەيچىسىمان ئەزا. ئىككى تال ئارتېرىيە بىلەن بىر تال ۋېنادىن تۈزۈلگەن. تۆرەلمە ئۇنىڭغا تايىنىپ ئانا تېنى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئۇ يەنە تۆرەلمىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشىدىكى يول ھېسابلىنىدۇ.
بالا تۇغۇلۇپ، شۇ خىل نەيچە كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن قورساق سىرتىدىكى قېلىپ قالغان ئويمانچە.
كۆچمە. مەركەز، ئوتتۇرا.
كىندىك ئوق. ئاسىيا كىندىكى.
بىز قەشقەرنىڭ كىندىكىدىن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئوتتۇرا، مەركەز، يادرو.