Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىمبېرىج ئېقىمى
Domain: دۇنيا تارىخى剑桥学派
jiàn qiáo xué pài
ئەنگلىيىدىكى بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىق ئېقىملىرىنىڭ بىرى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شەكىللەنگەن. كېمىبىرىج داشۆسىدىكى تارىخشۇناسلار مەركەز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئوكسىفورد ئېقىمى بىلەن ئوخشاشلا ئەينى چاغدىكى مەشھۇر تارىخشۇناسلىق ئېقىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئېقىم ئوتتۇرىسىدا پرىنسىپال ئىختىلاپ يوق. مەزكۇر ئېقىم ئوكسىفور ئېقىمىغا قارىغاندا تارىخنىڭ نازۇك بىر پەن ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تەكىتلىگەن ھەمدە يېقىنقى زامان گېرمانىيە تارىخشۇناسلىقىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە چوقۇنغان، ئىنلاركى ئېقىمى تىكلىگەن ئۈلگە <ئوبيېكتىۋىزم> بىلەن <ئىلمىي ئۇسۇل> غا قايىل بولۇپ، يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، شۇنىڭدەك كۆپلىگەن تارىخچىلار ئىش تەقسىم قىلىپ، كوللىكتىپ ھالدا بىرنەچچە توملۇق <كېمبېرىج يېقىنقى زامان تارىخى> نى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا دىپلوماتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. مەزكۇر ئېقىم سېللېيدىن (1834 - 1895) باشلىنىپ، ئاكتونغا بارغان مەزگىلدە مۇھىم تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ كېيىنكى داڭلىق ۋەكىلى بورى بولۇپ، ئۇ <كېمبىرىج قەدىمكى زامان تارىخى> ۋە <كېمبېرىج ئوتتۇرا ئەسر تارىخى> نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. كېمبىرىج ئېقىمى رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن <كېمبېرىج ئومۇمىي تارىخى> ھازىرقى زامان غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى مۇھىم مۇۋەپپىقىيەت بولۇپ، مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.