UyghurMain Dictionary
كېلىتلار
دۇنيا تارىخى
كلاسسىك (يۇنان، رىم) يازغۇچىلار گاللىلار ياكى گالاتېلار دەپمۇ ئاتىغان. قەدىمكى غەربىي ياۋرۇپا رايونىغا كەڭ تارقالغان قەبىلىلەر گۇرۇھى. كېلىتلار، گاللىلار، گالاتېلارنىڭ ھەممىسى، ئوخشاش بولغان بىر نامنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى بولسا كېرەك. تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ. بۇلارنىڭ ئاساسلىق تارقالغان رايونلىرى: مىلادىدىن 800 يىل ئىلگىرى، ئىپتىدائىي كېلىتلار ئاساسەن ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا كېڭىيىپ ھازىرقى فرانسىيە، بېلگىيە (رىملىقلار تاغنىڭ سىرتىدىكى گاللىيە دەپ ئاتىغان)، ئىتالىيەنىڭ شىمالىي پاد (پو) دەرياسى ۋادىلىرى (رىملىقلار تاغنىڭ ئىچىدىكى ياكى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە دەپ ئاتىغان) ئىسپانىيە، برىتانىيە ۋە رېين دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى رايونلارغا يېتىپ بارغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا لاتىن مەدەنىيىتىنى ياراتقان (بۇ شۋېتسارىيەنىڭ لاتىن <Latene> رايونىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان) بولۇپ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ مېتال (تۆمۈر، برونزا، ئالتۇن) بۇيۇملىرى ھۈنەر - سەنئىتى خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن ھەمدە كېلىتلار رايونلىرىغا تارقالغان. كېلىتلار قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، دەسلەپكى دەۋردىكى رىمنىڭ سىرتقا قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىشىدىكى كۈچلۈك رەقىبىگە ئايلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىن كەلگەن بىر تارماق كېلىتلار (گاللىلار) بىر مەھەل رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، رىملىقلاردىن مىڭ قاداق ئالتۇن ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن شەھەردىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشقە باشلىغان (<غازنىڭ رىمنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى> غا قاراڭ. رىمنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، رىملىقلار پاد دەرياسى ۋادىلىرى )تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە( دىكى كېلىتلارنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن 51 - 58 يىل ئىلگىرى كائېسار تاغنىڭ سىرتىدىكى گاللىيە )فرانسىيە ئەتراپى( نى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن گاللىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ۋېشىنگېتورگ رەھبەرلىكىدىكى كېلىتلارنىڭ چوڭ قوزغىلىڭىنى )مىلادىدىن 52 يىل ئىلگىرى( كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاخىرى كېلىتلار مەغلۇپ بولۇپ، رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. كائېسسار دەۋرىدىكى كېلىتلار ئاساسەن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھەربىي دېموكراتىيە باسقۇچىدا تۇرغان، ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن؛ سىنىپىي بۆلۈنۈش بارلىققا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ۋە كاھىنلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاھالىلەر ئاممىسىغا )جەڭچىلەرگە( قارىتا مەلۇم ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. رىملىقلار بەزىدە ئالىپ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كېلىتلارنى <ئۇزۇن چاپانلىق گاللىلار> دەپ ئاتىغان. بۇ رىم ئۇزۇن چاپىنىنى )كەڭ چاپان( كىيگۈچى دېگەن بولۇپ، <رىملاشقان> دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن؛ تاغنىڭ شىمالىدىكى كېلىتلارنى <تۈكلۈك گاللىلار> يەنى مەدەنىيەتسىز <ۋارۋارلار> دەپ ئاتىغان.