UyghurMain Dictionary
كېلەچەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھازىرقى ۋاقىتتىن كېيىن كېلىدىغان زامان، چاغ.
كېلەچكىنى ئويلىمىغان يامان كۈنگە قالار. ئادەمدە كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. ئەتە كىم بار، كىم يوق. ھەر ئادەم ئۆز ئىستىقبالىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئەرباب بىلەن ئويناشما، كېيىنلكىڭنى ئويلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كېلىدىغان كۈنلەر، زامانلار.
ئۆتمۈش
ئۆتكەن كۈنلەر، زامانلار.
ئۆتمۈشكە كۆزى يەتكەننىڭ كېلەچەككىمۇ كۆزى يېتەر. ئۆتمۈشۈڭگە تارتىشما، كەلگۈسىڭدىن ئۈمىد كۈت. ئۆتمۈشۈڭ ئەزرائىلغا تەۋە، كەلگۈسۈڭ ئۆزۈڭگە. كەلگۈسىدە نېمە بولارىڭنى بىلەي دېسەڭ، ئۆتمۈشۈڭنى ئويلاپ كۆر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھازىرقى پەيتتىن كېيىن كېلىدىغان، كەلگۈسىدىكى.
ئەينى ۋاقىتتىكى پەۋقۇلئاددە شارائىتتا سىزنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالىڭىزنى نەزەردە تۇتۇپ ئاچاممۇ سىزگە خەت يازماپتۇ.
ئى. ھازىرقى پەيتتىن كېيىن كېلىدىغان ۋاقىت، دەۋر؛ كەلگۈسى.
كېلەچەككە بولغان ئىشەنچ - ئۈمىدىنى ئۇرغۇتماق.
ئى. كەلگۈسىدىكى ھايات، ئىستىقبال، تەقدىر.
توغرى يولدا ماڭغانلارغا خەۋپ - خەتەر يوق، كېلەچىكى سائادەتلىك مەڭگۈ كۆڭلى توق!