Uyghur←ChineseMain Dictionary
كلاسسىك قۇللۇق تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
古典权隶制
gǔ diǎn quán lì zhì
قەدىمكى گرىتسىيە، رىمدا تەرەققىي قىلغان قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. كلاسسىك دېگەن سۆز لاتىنچىدىكى Classicusتىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <تىپىك> دېمەكتۇر. ئادەتتە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرلەرگىچە بولغان. گرېتسىيە ۋە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى Ⅰ ئەسىرگىچە بولغان رىمدا، بەزى رايونلاردىكى قۇللۇق تۈزۈم تولۇق تەرەققىي قىلغان، دەپ قارىلىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىلىرى: قۇللارنىڭ سانى كۆپ، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ ( ھەم ماددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەم مەنىۋى ئەمگەككىمۇ قاتنىشدۇ) قۇللار جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرىغا ئايلانغان؛ تاۋار خاراكتىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئائىلە باشلىقلىق قۇللۇق تۈزۈمى مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان. قۇللۇق تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قۇللار بىلەن قۇلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي كۈرەش پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈرلەشكەن (بولۇپمۇ رىمدا). كلاسسىك قۇللۇق تۈزۈم ئاساسىدا مول رەڭگارەڭ كىلاسسىك مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن، ئافىنا شەھىرىنى ئۇنىڭ ۋەكىلى قىلشقا بولىدۇ.