Uyghur←ChineseMain Dictionary
كلايتون - بۇلۇۋېر شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
克莱顿_布尔瓦条约
kè lái dùn _bù ěr wǎ tiáo yuē
1840 - يىلى 4 - ئايدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ پاناما بوغىزى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش مەسلىسىنى ھەل قىلش يۈزىسىدىن ئىمزالىغان شەرتنامىسى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرى ئامېرىكا نىكاراگۇئادىن ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان قانال قېزىش ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان ھەمدە ھوندوراسنى ئامېرىكىنىڭ ھوندوراس زېمىنىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشقا مەجبور قىلغان. شۇ يىلى يەنە يېڭى گېرېنادا (ھازىرقى كولۇمبىيە) بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، پاناما بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيول، تۆمۈر يول قۇرۇش ۋە قانال قېزىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان، ئەنگلىيە بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرغان. ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، 1850 - يىل 4 - ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كلايتون (1796 - 1856) بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولۋېر (1801 - 1872) بىرلىكتە شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە ئىككى تەرەپ نىكاراگوئانىڭ بىتەرەپلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پاناما قانىلىنى قېزىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، ئېچىلىدىغان قانال رايونىنى ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئورتاق باشقۇرۇشنى بەلگىلگەن. شەرتنامە ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش ۋاقىتلىق پەسەيگەن.