UyghurMain Dictionary
كېيىكئوت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كېيىك + ئوت
ئىسىم
بوتانىكا
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدىن كۈچلۈك يالپۇز پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ، يىلتىزىنىڭ يەر ئۈستىدىكى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك ئېغىش، سۆڭەك يۇمشاپ كېتىش ۋە ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللەرگە شىپالىق رولى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. بىر ئاز ياكى مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ، سوڭرە.
شىرمەھەممەت قىسمەت چورۇقنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ئاۋۋال توختىئاخۇننىڭ ئۆيىگە، كېيىن رايونلۇق پارتكوم بىناسىغا كىردى.
تىر (چىقىش كېلىش قوشۇمچىسىدىن كېيىن) سوڭرە.
يىغىندىن كېيىن ئەترەت ھەيئەتلىرى بىلەن مېنىڭ ياتىقىمدا ئازراق باش قوشۇلماقچى بولدۇق.
باغل. چىقىش كېلىشتىكى پۈتكەن ھاللىق ئۈزۈكتىن كېيىن كېلىپ ھالەت بېقىندى جۈملە بىلەن باش جۈملىنى باغلاش رولىنى ئوينايدۇ.