UyghurMain Dictionary
كەسىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپ، مول، جىق، تولا:
ھېچكىم كەسىرى تىغى زەبان سۇخەنۋەران،
ھەرفى بەيان ئېتەلمەگەي ھەمد سەناسىدىن.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۇنماق، ئوشۇلماق؛ سۇنۇقلۇق، شىكەستىلىك: كەسىرى نەفىس - كەمتەرلىك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپ، تولا: كەسرۇلمال - مالى كۆپ كىشى، باي كىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەرەبچە
ماتېماتىكا
سۈپ. بىر بىرلىكنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە بۆلىكىنى ئىپادىلەيدىغان.
كەسىر سان - كەسىر ئىپادە.
ئى. بىر بىرلىكنىڭ بىر ياكى بىرنەچچە بۆلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سان، كەسىر سان.
ئاددىي كەسىر. ئونلۇق كەسىر. كەسىرلەرنى قىسقارتىش.
ئى. قالدۇق.
توققۇزنى ئىككىگە بۆلسەك بىر كەسىر قالىدۇ.