UyghurMain Dictionary
كەسلۈنچۈك
بىئولوگىيە
يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپى تەڭگىچىلەر ئەترىتى، كەسلەنچۈكلەر كەنجى ئەترىتى، كەسلەنچۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان تۈرلەر بولۇپ، تەن شەكلى ئۇزۇنچاق، چوققىسىدا سىممېتىرىك جايلاشقان چوڭ قالقانسىمان تەڭگىچىسى بولىدۇ. ئادەتتە بەدىنىدىكى تەڭگىچىلىرىنىڭ قىرلىق چوققىسى بولىدۇ، قورساق تەڭگىچىلىرى چوڭراق، كۆپىنچىسى كۋادرات ياكى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە ئۇزۇنىغا ھەم توغرىسىغا تىزىلىپ قۇرلاشقان. كۆز قاپىقى تەرەققىي قىلغان، كۆز قارىچۇقى دۈگىلەك، ناغرا پەردىسى كۆپىنچە يالىڭاچ. تىلى تار، ئۇزۇنراق ھەم نېپىز، ئالدى ئۇچىدا چوڭقۇر كەمتۈكى بار، تىلىدا توغرا قۇر شەكلىدە ياكى <∧> شەكلىدە تىزىلغان تەڭگىچىسىمان ئەمچەك ئۆسۈكچىلىرى بولىدۇ. ياندىن ئۆسكەن چىشلىرى بار، چېكە يايى ھەم كۆز چاناق يايى بار، لېكىن تەرەقىي قىلمىغان، قۇيرۇقى ئۇزۇن، ئاسان ئۈزۈلىدۇ ھەم ئاسانلا قايتا ئۆسۈپ چىقىدۇ. تەرەققىي قىلغان بەش بارماقلىق تۆت پۇتى، بارمىقىنىڭ ئۇچىدا تىرناقلىرى بار. ئادەتتە يوتا ئويمانچىسى ياكى چات ئويمانچىسى بولىدۇ. ئۇ كەڭ - ئوچۇق ئوتلاقلار، ئورمانلىقلار ياكى دەرەخلەردە ياشايدۇ. ھاشارات يەيدۇ. تۇخۇم ياكى تۇخۇم تۆرەلمىلىك كۆپىيىدۇ. بۇ ئائىلىدە 140 تىن ئارتۇق تۈر بولۇپ، 22 ئورۇقداشقا بۆلۈنگەن. ئۇ ماداغاسقار ئارىلى ۋە ئاۋسترالىيىدىن باشقا، دۇنياغا كەڭ تارقالغان، لېكىن ئافرىقىدا ئەڭ كۆپ، مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي جۇڭگو رايونىدا سالما كۆپ ئۇچرايدۇ، ئوتتۇرا جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئوتلاق كەسلەنچۈكى قاتارلىقلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.